باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ تاۋارلىشىشىنى تۈزەش»نى چۆرىدەپ تەكلىپ-مەسلىھەت بەردى، ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.06.29 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 28-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ تاۋارلىشىشى ھازىرقى دىن ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ، نورمال دىنىي پائالىيەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بەردى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ «بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ تاۋارلىشىشىنى تۈزەش» دېگەننى قارالما قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەپ پىكىر-مەسلىھەت ئېلىش ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ، دىننىڭ تاۋارلىشىش زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش، تۈزەش ئويى ۋە سىياسىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ساپلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەت ئىگە.

  15 ئەزا، ئۆلىما بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ تاۋارلىشىش سەۋەبى، ئىپادىسى ۋە تۈزەش ئوي-پىكرى، تەدبىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ تاۋارلىشىشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنىنىڭ تاۋارلىشىش مەسىلىسى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا، بەزىدە يەنە تەكرار پەيدا بولۇپ، كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، تۈزەش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر