باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارىتىلغان

2018.06.29 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 28-ئىيۇن ئۆتكۈزگەن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارىتىلغان

  بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ «جىنەن» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى، «خۇاڭگاڭ» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىز رايونىدىن جەنۇبقا، باشى بوغۇزىدىن غەربكە يۈرۈش قىلغان ھەمدە تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا توختىغان.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: بىرىنچى، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئىككىنچى، بىز قوللانغان بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئارالدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ قەستى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. ئۈچىنچى، بىز تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، پىلان بويىچە مۇناسىۋەتلىك مەشىق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر