باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىسپات تۈرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.06.29 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىسپات تۈرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىسپات تۈرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كېنىشكىلەرنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسپات تۈرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنمىگەن ئىسپاتلاش ئىشلىرىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. جايلار، تارماقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بېكىتىلگەن ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى رەتلەپ، بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياكى ساقلاپ قېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. جايلار، تارماقلار ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن ئىسپاتلاش ئىشلىرى ئەڭ كېچىككەندە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گوۋۇيۈەن قارىمىقىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئىز قوغلاش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، 2018- يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسپات تۈرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئېنىقلاش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەنگە ئەھۋالنى دوكلات قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك ئىسپاتلاش ئىشلىرىغا قارىتا، تىزىملىكنى ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، بېكىتىش ئاساسى، چىقىرىش ئورنى قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىشى كېرەك. تىزىملىكنىڭ سىرتىدىكىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاممىۋى خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئىسپات تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلىدىغان ئىسپات چىقىرىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرتىپىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر