باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

خەنزۇ تىل-يېزىقى بويىچە ئىجتىمائىي پەن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى 500 نومۇر، تەبىئىي پەن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى 467 نومۇر بولدى

2018.06.28 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى تۈركۈمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىن ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا خەنزۇ تىل-يېزىقى بويىچە ئىجتىمائىي پەن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى 500 نومۇر، تەبىئىي پەن تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى 467 نومۇر بولدى. مەخسۇس كۇرس تۈركۈمىنىڭ خەنزۇ تىل-يېزىقى بويىچە ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەننىڭ پايدىلىنىش نومۇر چېكى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش 200 نومۇر بولدى.

  بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلان سانى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، قوبۇل قىلىنىشتىكى ئارخىپ چىقىرىش ئۇسۇلى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلغان ھالدا ئۇنىۋېرسال بېكىتىلدى.

  نومۇر چېكى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ خوڭشۈ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك 2-قىسىم ئىمتىھان سوئالى قەغىزى ئىشلىتىلدى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى قاتارلىق ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ يىل بۇ يۈرۈش ئىمتىھان سوئالى بىر قەدەر ئاددىي بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بۇ بىر يۈرۈش ئىمتىھان سۇئالىنى ئىشلەتكەن ئۆلكىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمىگە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى 28-ئىيۇن سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدۇ، باشقا تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 1-ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدۇ.

  بۇ يىل يەنىلا «نومۇرىنى بىلىش، رەت-تەرتىپىنى بىلىش، نومۇر چېكىنى بىلىش» شەرت قىلىنىپ، ئاندىن ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، ئارخىپ چىقىرىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نومۇرىنىڭ شىنجاڭ بويىچە قانچىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. «نومۇرىنى بىلىش، رەت-تەرتىپىنى بىلىش، نومۇر چېكىنى بىلىش» بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشتا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەتىجىسى، ئورنىنى بىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئارزۇ تولدۇرىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىغۇلارچە ئارزۇ تولدۇرۇشى، قوبۇل قىلىنماي چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىراق، ئارزۇ مەركەزلىشىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپلەر يۇقىرى نومۇر بويىچە رەتكە تىزىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، شۇ مەكتەپنىڭ نومۇر چېكىنى بېكىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر