باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

25-ئىيۇن، يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىنىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 83 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى

بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى يەر يۈزى تېمپىراتۇرىسى كۆرۈلدى

2018.06.28 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ تۇرپان يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 16:00دە، يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىدىكى «ئالتۇن گۈرزە» گىگانت تېرمومېتىرىدا ئۆلچەنگەن يەر يۈزى ئەمەلىي تېمپىراتۇرىسى 83 سېلسىيە گىرادۇس بولغان، بۇ تېمپېراتۇرا يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىدا بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى 2500 دىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ يەردە ساياھەت قىلدى.

  يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «ئالتۇن گۈرزە» گىگانت تېرمومېتىرى يالقۇنتاغ ساياھەت رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ساياھەتچىلەر كېلىپ رەسىمگە چۈشۈشكە ئەڭ ئامراق جايلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر، دىئامېتىرى 0.65 مېتىر كېلىدۇ. 100 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدىكى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىيەلەيدۇ. خاتالىق پەرقى 0.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئۈچ قېتىم 80 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشتى. بۇلتۇرقى ئەڭ يۇقىرى يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 89 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۆرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر