باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېقىم «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2018.07.02 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىندى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى تەتقىق قىلىپ كېڭىشىپ، 7- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ ئۈچ كارخانىنىڭ ھەممىسى پىلان بويىچە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىغان ھەمدە ئېلان چىقىرىپ، ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققىنى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئېلىمىزنىڭ تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققى بۇلتۇر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تېلېفون ئۇزۇن يوللۇق ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققىگە ئوخشىمايدۇ. ئىلگىرىكى 2G دەۋرىدە ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، 3G دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق تورغا چىقىش ئېھتىياجى كۈنسېرى كۈچەيدى، لېكىن ئەينى چاغدىكى ئېقىم مىقدارى ھەققى يەنىلا قىممەت بولۇپ، يۈرۈشتۈرۈش سودىگەرلىرى رايون خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە ئېقىم مىقدارى ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئالاقە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن خەۋەرلىشىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ئېقىم مىقدارىنىڭ نورمىسى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈلدى، ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، دائىم سىرتقا كاماندىروپكىغا چىقىدىغان خادىملار ۋە ئىشلەمچىلەر ئاساسلىق نەپكە ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى يەرلىك ئېقىم مىقدارىنى ئىشلىتىدىغان ئىستېمالچىلار بۇنى ناھايىتى روشەن ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئېقىم مىقدارى «كەزمە» مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تور ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر