باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.07.02 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئەردوغاننىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭلىقىغا قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن سىز بىلەن زىچ ئالاقە ساقلاپ كەلدىم، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تۈركىيە سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىز ئاستىدا، دۆلەت ئۆز تەرەققىياتى يولىدا تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر