باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە ئەزالىرى 89 مىليون 564 مىڭغا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 572 مىڭغا يەتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى

2018.07.02 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى 89 مىليون 564 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 117 مىڭ كىشى ئاشقان. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 4 مىليون 572 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 53 مىڭى ئاشقان. سانلىق مەلۇمات شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشقان.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستى. 2013-يىلى پارتىيە ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %1.5 ئىچىدە كونترول قىلىندى. 2017-يىلى، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 982 مىڭ پارتىيە ئەزاسى قوبۇل قىلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن 71 مىڭ كىشى ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت 1-سېپىدىكىلەر 1 مىليون 6 مىڭ كىشىگە يېتىپ، %50.8نى ئىگىلىگەن؛ ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 860 مىڭ كىشىگە يېتىپ، %43.4نى ئىگىلىگەن؛ 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر 1 مىليون 613 مىڭ كىشىگە يېتىپ، %81.4نى ئىگىلىگەن.پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىدا، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزالىرى 43 مىليون 286 مىڭغا يېتىپ %48.3نى ئىگىلىگەن؛ ئايال پارتىيە ئەزالىرى 23 مىليون 888 مىڭغا يېتىپ، %26.7نى ئىگىلىگەن؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى 6 مىليون 514 مىڭغا يېتىپ، %7.3نى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر