باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبەسېرى ئىلگىرىلىشىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2018.07.02 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 6-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ماركسىزملىق پارتىيە يۈكسەك سىياسىي غايە، يۈكسەك سىياسىي ئىنتىلىش، ساپ سىياسىي پەزىلەت، قاتتىق سىياسىي ئىنتىزامغا ئىگە. ئەگەر ماركسىزملىق پارتىيە سىياسىي جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنى يوقاتسا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. مانا بۇ، بىزنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى قىلىشتىكى ئاساسىمىز. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى مەڭگۈلۈك تېما. سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي خەۋپتىن ساقلىنىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورىيىشى، غەلىبەسېرى ئىلگىرىلىشىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىن زاڭ ئەنمىن بۇ مەسىلىنى ئىزاھلىدى ھەم تەكلىپ-پىكىر بەردى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ زور تېما ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۈگۈن بىزنىڭ مۇشۇ تېمىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىشتىكى مەقسىتىمىز_ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش ھەم بۇ ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر