باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ پولات-ئاليۇمىن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ئۈستىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلدى

2018.07.02 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى ئورىسىكىن 29- ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالماقچى بولغانلىق تۈپەيلىدىن، رۇسىيە تەرەپ بۇ ھەقتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىغا مۇراجىئەت قىلدى.

  ئورىسىكىن شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى بولسا، ئامېرىكا پولات-ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش ئارقىلىق، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ قىلغانلىقىدىندۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ھىندىستان، كانادا، مېكسىكا ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەسىلە تۈپەيلىدن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ قائىدىسى بويىچە، كېيىنكى قەدەمدە تالاش تارتىشتا بولغان ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر كېڭىشىشتە نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، رۇسىيە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ مەسىلىگە دېلو سۈپىتىدە قاراپ چىقىشنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر