باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى 12 چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.07.02 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى يېقىندا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە رېۋىزىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھەمدە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى 12 چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئۇ دېلولار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 12 مەسىلە ئىچىدە 12 كىشى بار بولۇپ،ئۇلار قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلار. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەم پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ھەمدە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئادەتتىكى كادىرلىرى، ھەم شۇنداقلا يېزا دەرىجىلىك پارتىيە كادىرلىرىمۇ بار.

  مەزكۇر دېلو تۈرى بولسا، ئاشلىق ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، كوللېكتىپ مەبلىغىنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىۋېلىش، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، ۋەزىپە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ پايدا كۆزلەش، تاپان ھەققى ئېلىش، يەر ئېلىش تۆلەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ۋە خىيانەت قىلغان ھالدا تۈر مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر