باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى نامراتلارنى يۆلەش كۈنى بەلگىسىنى توپلىدى

2018.07.02 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە: 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى «نامراتلارنى يۆلەش كۈنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى (LOGO) مۇكاپاتلىق توپلاش ۋە باھالاش پائالىيىتى»نى يولغا قويدى، ھەمدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا نامراتلارنى يۆلەش كۈنىنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسىنى توپلىدى ۋە باھالىدى.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، باھالاش تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلارغا، يەنى تىزىملىتىپ ماقالە ئەۋەتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، ئەسەرنى دەسلەپكى باھالاش، تور ئارقىلىق ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش، مۇتەخەسسىسلەر قايتا باھالاش، ئاخىرقى بېكىتىپ ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى قاتارلىق يەتتە باسقۇچقا بۆلۈنگەن. تىزىملىتىپ ماقالە ئەۋەتىش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 15 كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئومۇمەن بۇ قېتىمقى توپلاش ۋە باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارزۇسى بار ئاپپارات ۋە شەخسلەر، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ تور بېكىتىدىن «نامراتلارنى يۆلەش كۈنىنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى (LOGO) مۇكاپاتلىق توپلاش ۋە باھالاش پائالىيىتىگە تىزىملىتىش جەدۋىلى»، «نامراتلارنى يۆلەش كۈنىنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى (LOGO) مۇكاپاتلىق توپلاش ۋە باھالاش ئېلانى» ۋە «نامراتلارنى يۆلەش كۈنىنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى (LOGO) مۇكاپاتلىق توپلاش ۋە باھالاش پائالىيىتىگە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا ھاۋالىنامە» قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ، ھەمدە ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە تىزىملىتىپ، ماقالە ئەۋەتسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر