باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى ئۆلچىمى تەڭشەلدى

2018.07.02 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر تاپشۇرىدىغان شەھەر–بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تۈپ سانى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنىڭ 4740 يۈەندىن 5032 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، يېڭى ئۆلچەمنىڭ 6- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا 2017- يىلى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 5032 يۈەن بولغان، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭدا شىنجاڭ بويىچە ئىشلەۋاتقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ (خۇسۇسىي كارخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى 4740 يۈەندىن 5032 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن، مائاش كىرىمى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60دىن تۆۋەن بولغانلارغا، 3019 يۈەن بويىچە ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى بېكىتىلىدىكەن، ئىش ھەققى كىرىمى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300ىدىن يۇقىرى بولغانلارغا 15 مىڭ 96 يۈەن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى بېكىتىلىدىكەن، يەرلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى 1896 يۈەندىن 2013 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەككە تىجارەتچى ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇش تۈپ سانى ئاپتونوم رايوننىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 5032 يۈەننى ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى قىلىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 ياكى %50 بويىچە ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ بېكىتسە بولىدۇ. ياللانما ئىشچىسى بولمىغان يەككە سودا- سانائەتچىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى تۈپ سانى 3364 يۈەن بولىدۇ. بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى يەنىلا بۇلتۇرقى ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر