باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە ئىچى ئىستاتىستىكا ئاخباراتى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليون 565 مىڭ پارتىيە ئەزاسى بار

ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى

2018.07.02 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 565 مىڭغا يېتىپ، بىر يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدىن 44 مىڭ 900 كىشى ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %2.96 بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن 86 مىڭ 214ى (ئاساسىي قاتلام پارتكومىدىن 4326سى، پارتىيە باش ياچېيكىسىدىن 5652سى، پارتىيە ياچېيكىسىدىن 76 مىڭ 236سى) بار بولۇپ، بىر يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدىن 9458ى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %12.32 بولغان.

  بىرىنچى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى ۋە ئوقۇش تارىخى. ئايال پارتىيە ئەزاسى 493 مىڭ 900 كىشى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %31.65ىنى ئىگىلىگەن. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 597 مىڭ 800 كىشى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %38.31ىنى ئىگىلىگەن. ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 844 مىڭ 200 كىشى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %54.10ىنى ئىگىلىگەن.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېشى. 30 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى پارتىيە ئەزاسى 187 مىڭ 500 كىشى، 31 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 166 مىڭ 200 كىشى، 36 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 161 مىڭ 800 كىشى، 41 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 211 مىڭ 100 كىشى، 46 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 208 مىڭ 600 كىشى، 51 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 190 مىڭ 900 كىشى، 56 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان پارتىيە ئەزاسى 111 مىڭ 300 كىشى، 61 ياشتىن يۇقىرى بولغان پارتىيە ئەزاسى 323 مىڭ 100 كىشى بار ئىكەن.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچىلار، تېخنىك ئىشچىلار) 126 مىڭ 200 كىشى، دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچى 335 مىڭ 800 كىشى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، پۇقراۋى ۋە غەيرىي كارخانا ئورۇنلىرىدىكى باشقۇرغۇچى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى 445 مىڭ 900 كىشى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى 217 مىڭ 200 كىشى، ئوقۇغۇچى 14 مىڭ 400 كىشى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىم 335 مىڭ 300 كىشى، باشقا كەسپىي خادىم 85 مىڭ 600 كىشى.

  ئىككىنچى، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى

  2017-يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 75 مىڭ 207 كىشى.

  تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ جىنسى، مىللىتى، يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى. تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان ئايال پارتىيە ئەزاسى 30 مىڭ 44 كىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %39.95ىنى ئىگىلەيدۇ؛ تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 44 مىڭ 243 كىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %58.83ىنى ئىگىلەيدۇ؛ تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان 35 ياشتىن تۆۋەن پارتىيە ئەزالسى 54 مىڭ 510 كىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %72.48ىنى ئىگىلەيدۇ؛ تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 30 مىڭ 168 كىشى بولۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %40.11ىنى ئىگىلەيدۇ.

  تەرەققىي قىلدۇرۇلماقچى بولغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەسپى. ئىشچى (ئىشچىلار، تېخنىك ئىشچىلار) 3956 كىشى، دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچى 38 مىڭ 81 كىشى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، پۇقراۋى ۋە غەيرىي كارخانا ئورۇنلىرىدىكى باشقۇرغۇچى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىم 15 مىڭ 398 كىشى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى 7103 كىشى، ئوقۇغۇچى 7470 كىشى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان خادىم 10 كىشى، باشقا كەسپىي خادىم 3189 كىشى.

  ئۈچىنچى، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى

  2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان كىشى 620 مىڭ 400 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى 276 مىڭ 100 كىشى.

  تۆتىنچى، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك كومىتېتىدىن 115ى بار. ئاپتونوم رايون بويىچە 208 شەھەر-كوچا، 873 يېزا-بازار، 2884 مەھەللە (ئاھالە كومىتېتى)، 9189 ئىشتاتلىق كەنتتە پارتىيە تەشكىلى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 8831 ئورگان، 16 مىڭ 44 كەسپىي ئورۇن، 3203 ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا، 26 مىڭ 106 غەيرىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانا، 4173 ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە ئورۇندا پارتىيە تەشكىلى قۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر