باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بېلگىيەنىڭ «كېمىسى ئۆرۈلگىلى ئاز قالدى»، ياپونىيە كوماندىسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا سەككىز كۈچلۈكلەر بىلەن خوشلاشتى!

2-ئىيۇلدىكى بىر مەيدان سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، بېلگىيە كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ، ياپونىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

2018.07.03 16:28   مەنبە: خەلق تورى

بېلگىيەنىڭ «كېمىسى ئۆرۈلگىلى ئاز قالدى»، ياپونىيە كوماندىسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا سەككىز كۈچلۈكلەر بىلەن خوشلاشتى!

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دون دەرياسى ۋادىسىدىكى روستوۋ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ «كېمىسى ئۆرۈلگىلى ئاز قالدى». 2-ئىيۇلدىكى بىر مەيدان سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، بېلگىيە كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ، ياپونىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

  بېلگىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تولۇق غەلىبە قىلىپ، G گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىقتى. بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى لۇكاكۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە تۆت توپ كىرگۈزدى. ياپونىيە كوماندىسى ئادىل مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە، سېنېگال كوماندىسىدىن ئەۋزەل ئەھۋالدا H گۇرۇپپىدىن چىقتى، بۇ ئۇلارنىڭ پۇتبول تارىخىدا 3-قېتىم 16 كۈچلۈكلەر ئىچىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى تارىخىدا بۇ ئىككى كوماندا بىر قېتىم ئۇچراشقان، يەنى 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياپونىيە كوماندىسى 2 دە 2 نەتىجە بىلەن بېلگىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان.

  «ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى» نامىغا ئىگە بېلگىيە كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئوخشاشلا ئالدىنقى ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى سەپ شەكلىنى ۋە ئەزالىرىنى ئىشلەتتى، لۇكاكۇ، ئېدىن ھازارد، دېبرۈينى قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا چىقتى. باش تىرېنېر مارتىنىس ئوتتۇرا بېكتا كومپانىنى بوياتا بىلەن ئالماشتۇردى. ياپونىيە كوماندىسى تەرەپتە كاپىتان ناگاتومو، ھاسىبى، كاگاۋا شىنجى قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا چىقتى.

  گەرچە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئېنىق ئاجىز ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن ياپونىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت بولغاندا، كاگاۋانىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى ۋاراتارنىڭ يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئاستا-ئاستا كۈچىيىپ، ۋاراتارغا توپ تېپىش قېتىم سانى ياپونىيە كوماندىسىدىن ئاشتى. لېكىن ياپونىيە كوماندىسى ئومۇمىي سەپ بويىچە قايتىپ مۇداپىئەدە تۇرۇپ، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇدى، بېلگىيە كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ۋاراتارغا ئۇرغان توپى ياكى ۋاراتاردىن ھالقىپ چىقىپ كەتتى، ياكى قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بەدىنىگە تېگىپ توسۇۋېلىندى. ئالدىنقى مەيداندا ياپونىيە كوماندىسى بېلگىيە كوماندىسىغا ۋاراتارغا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى بەرمىدى. ئەكسىچە، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا ئاز قالغاندا، ياپونىيە كوماندىسى بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا نومۇر ئالغىلى تاس قالدى. توپ ۋاراتارنىڭ چاتىرىقىدىن ئۆتۈپ ۋاراتارغا دۈگلەپ كىرىۋاتقاندا، ۋاراتار چاققانلىق بىلەن كەينىگە ئۆزىنى تاشلاپ توپنى تۇتۇۋالدى. چېلسى ۋاراتارىنىڭ تەلىيىگە توپنىڭ سۈرئىتى تېز بولماي قالدى.

  ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا، ياپونىيە كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى، بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمدا شىباساكى قارشى تەرەپ بېكىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان پاستىن بىرنى بەردى، ھاراگۇچى توپنى ئېلىپ، ئوڭ پۇت بىلەن ۋاراتارنىڭ يىراق بۇلۇڭىغا كۈچەپ تەپتى، توپ كىردى. توپ كىرىپ بىر مىنۇتتىن كېيىن، ئېدىن ھازاردنىڭ بىر قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمدا ئۇرغان توپى ياپونىيە كوماندىسى ۋاراتار تۈۋرۈكىگە تېگىپ قايتىپ چىقتى.

  52 مىنۇت بولغاندا ياپونىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى، كاگاۋا چەكلەنگەن رايوننىڭ ئالدىدا توپ كونترول قىلىپ، تۇيۇقسىز تاكاشىغا پاس بەردى. تاكاشى قىسقا ۋاقىت قەدىمىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ۋاراتارغا يىراقتىن كۈچەپ تەپتى، توپ بوشلۇقتا چىرايلىق ياي چىقىرىپ، كۇرتۇۋانىڭ ئۆزىنى تولۇق تاشلىغان گەۋدىسى، يېيىلغان ئالقىنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ۋاراتارغا كىردى.

  كەينى-كەينىدىن ئىككى توپ ئۇرغان ياپونىيە كوماندىسى تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، قايتا-قايتا ھۇجۇم قوزغىدى ۋە نومۇر ئالغىلى تاس قالدى. 65 مىنۇت بولغاندا، بېلگىيە كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى چۈشۈرۈپ، فېلەينى بىلەن چادلىنى مەيدانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بېلگىيە كوماندىسى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئىچىگە توختىماي ئېگىز توپ تاشلاپ، خەتەر پەيدا قىلدى ۋە بۇ ھۇجۇملىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، 69 مىنۇت بولغاندا ۋاراتار ئالدىدىكى بىر قېتىملىق قالايمىقانچىلىقتا، ۋېرتونگېن توپنى ۋاراتارغا ھاۋالىتىپ ئۈسسۈدى، توپ ياپونىيە كوماندىسى ۋاراتارىنىڭ بېشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قاپقىغا كىردى. نەتىجە 2 دە 1 بولدى.

  74 مىنۇت بولغاندا، ھازارد سول تەرەپتە ئوساكۇنىڭ مۇداپىئەسىدىن ئۆتۈپ، توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، فېلەينى ئېگىز سەكرەپ چىقىپ توپنى ئۈسسۈدى، توپ قاپقىغا كىردى. نەتىجە 2:2 بولدى.

  ئوخشاش نومۇر ھالىتىگە كەلگەن ئىككى تەرەپ ئاخىرقى 15 مىنۇتتا ئوتتۇرا مەيداندا كەسكىن ئېلىشتى، بىردە ئۇ، بىردە بۇ توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتارىغا ئېلىپ كېلەتتى. 90 مىنۇت بولغاندا، ياپونىيە كوماندىسىدىن خوندانىڭ ۋاراتارغا ئۇرغان ئىختىيارى توپى كۇرتۇۋا تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. مۇسابىقە قوشۇمچە مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرەي دېگەندە، نەتىجىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى. كۇرتۇۋا ياپونىيە كوماندىسى چىقارغان بۇلۇڭ توپنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، تېز ھۇجۇم باشلىدى، دېبرۈينى ۋاراتاردىن توپنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە ئوتتۇرا مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوڭ قاناتتىكى مۇنىيېرغا پاس بەردى، مۇنيېر توپنى ئازراق ئېلىپ مېڭىپ، ئوتتۇرىغا پاس بەردى، لۇكاكۇ تۇيۇقسىز يالغان ھەرىكەت ئىشلەپ، توپنى ئالماي ئۆتۈپ كەتتى، توپ لۇكاكۇنىڭ كەينىدىكى چادلىنىڭ پۇتىغا چۈشتى، چادلى توپنى كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىنى نەتىجىسىنى 3:2 گە بېكىتتى.

  مىڭ مۇشەققەتتە ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلغان بېلگىيە كوماندىسى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قازان تەنتەربىيە مەيدانىدا، بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش مۇسابىقىسىغا چۈشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر