باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن 234نى توختىتىشنى تەستىقلىدى

2018.07.05 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى قىسمەن ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرلىرىنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تولۇق كۇرستىن يۇقىرى جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن 234نى قانۇن بويىچە توختاتقان، ئىسىملىكى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش ساھەسىدىكى شاللاپ يېڭىلاشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سىياسەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈردى. 2018-يىلى 6-ئايغىچە، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىدىن 2342سى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاپپارات ۋە تۈردىن 1090ى بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ ئېچىش تېز تەرەققىي قىلىپ، مائارىپ تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ۋە خەلقئارا تەسىرى توختىماي ئاشتى. تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، قىسمەن ئاپپارات ۋە تۈرلەردە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش يېتەرلىك بولماسلىق، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، پەن-كەسىپ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات مېخانىزمى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، جەلپ قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش، مەكتەپ ئېچىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇشنى ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، «قوش ئەلا» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. چېكىندۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىجازەتتىن چېكىندۈرۈشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرنى يېپىق ھالقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ باش-ئايىغىنى ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا، مەكتەپ ئېچىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ ئېچىشقا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر