خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىدە كىشىلەر يامغۇرغا قارىماي يولدا كېتىۋاتماقتا. شۇ كۈنى سائەت 18دە، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانىسىسى داۋاملىق قارا يامغۇر ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق سىگنالى چىقاردى. مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 20دىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 20گىچە، خېنەننىڭ جەنۇبى، خۇبېينىڭ كۆپ قىسمى، ئەنخۈينىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى، جياڭسۇنىڭ كۆپ قىسمى، شەنشىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمى، چۇڭچىڭنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى، خۇنەننىڭ شىمالى، گۈيجۇنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى