باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

7-ئايدا موڭغۇلكۈرەدە يايلاق مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.07.03 17:08   مەنبە: خەلق تورى

7-ئايدا موڭغۇلكۈرەدە يايلاق مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئايدا، شىنجاڭدا گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ، قىزىقارلىق يايلاق مەدەنىيىتى پائالىيىتىنى موڭغۇلكۈرەگە بېرىپ ھېس قىلىپ باقسا بولىدۇ. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ساياھەت تەرەققىيات شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ ئىلى تۇلپىرى خەلقئارا ساياھەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن.

  موڭغۇلكۈرەنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنى غەربىي خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ ھېسابلىساق، ھازىرغىچە 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، «تۇلپار يۇرتى» دېگەن نامى بار، «قاراقۇرۇمغا چىقالايدىغان، كۈن پېتىشقا بارالايدىغان» تۇلپار چىقىدۇ، دەپ تەرىپلىنىدۇ. 2003-يىلى، دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «جۇڭگو تۇلپار يۇرتى» دەپ نام بېرىلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى، ئىستراھەت تۈرىدىكى چەۋەندازلىق قاتارلىق تۈرلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ «ئات يېتىشتۈرۈش، ئات بېقىش، ئات مەدەنىيىتى، ئات تەنتەربىيەسى، ئات مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش» قاتارلىق كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، «ئات كەسپىنىڭ بەش تۈرلۈك بازىسى ۋە غەربىي يۇرتتىكى بەيگە مەيدانى»نىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈردى. بۇ ناھىيە دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنى ئۈزلۈكسىز، پائال ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرنىڭ نام-شۆھرىتىنى كېڭەيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر