باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ئىزدىنىش» ۋە «قىزىلبايراق» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

نەزەرىيە تەشۋىقاتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

2018.07.05 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇل تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان «ئىزدىنىش» ۋە «قىزىلبايراق» ژۇرنىلى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ژۇرنال تەھرىراتىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىدىكى مۇھىم ئىدىيەۋى نەزەرىيە بازىسى. ئۇزاقتىن بۇيان، يولداشلار پارتىيە ژۇرنىلىنى پارتىيە باشقۇرۇش، سىياسىيونلار ژۇرنال چىقىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ ئەڭ يېڭى نەزەرىيەۋى نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتى جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە بوشاشماي تىرىشىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداشلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە تەشۋىقاتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر