باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش ئۆلكە كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2018.07.04 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پېنسىيونېرلار بۇ يىل ئۆستۈرۈلگەن كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ قاچان تارقىتىلىدىغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ھازىرغىچە، شاڭخەي، بېيجىڭ، خېبېي، چىڭخەي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلار كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكرېت تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىملىق تەڭشەشتىن كىملەر بەھرىلىنەلەيدۇ؟

  بۇ قېتىملىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش دائىرىسىگە كىرىدىغانلار: 2017-يىلى 31-دېكابىردىن ئىلگىرى بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغانلار ۋە ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان پېنسىيونېرلار.

  دىققەت، سىز 2018-يىلى پېنسىيەگە چىققان بولسىڭىز، بۇ قېتىملىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشتىن بەھرىلىنەلمەيسىز.

  كۈتۈنۈش پۇلى زادى قانداق ئۆسىدۇ؟بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئومۇمىي ئۆسۈش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا بولدى، لېكىن بۇ دېگەن ئومۇمىي ئۆسۈش نىسبىتى، ھەر بىر كىشىنىڭ بىردەك %5 ئۆسىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئوخشىمايدۇ.

  دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرىقى جايلارنىڭ تەڭشەش لايىھەسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا نورمىلىق تەڭشەش، باغلاپ تەڭشەش ۋە مۇۋاپىق مايىللىشىش ئۆز ئارا بىرلەشكەن تەڭشەش چارىسىنى قوللانغان.بۇ يىل قانچىلىك ئۆسىدۇ؟

  تۇنجى قەدەمدە نورمىلىق ئۆستۈرۈلىدۇ، يەنى ھەر كىشىگە ئوخشاش پۇل قوشۇلىدۇ. كارخانا پېنسىيونېرلىرىغا قارىتا، شاڭخەي ھەر بىر كىشىگە ئايدا 60 يۈەن قوشۇپ بېرىدۇ، بېيجىڭ ھەر بىر كىشىگە ئايدا 45 يۈەن قوشۇپ بېرىدۇ، خېبېي ھەر بىر كىشىگە ئايدا 38 يۈەن قوشۇپ بېرىدۇ، چىڭخەي ھەر بىر كىشىگە ئايدا 30 يۈەن قوشۇپ بېرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن كېيىن باغلاپ تەڭشىلىدۇ، يەنى پېنسىيونېرلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل سانى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «كۆپ ئىشلەپ، كۆپ ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كۆپ بولىدۇ» دېگەن رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  كىملەرنىڭ كۆپرەك ئۆسىدۇ؟

  نورمىلىق تەڭشەش بىلەن باغلاپ تەڭشەشتىن كېيىن مايىللاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىپ، ياشىنىپ پېنسىيەگە چىققانلار، جاپالىق، چەت جايلاردىكى پېنسىيونېرلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كۆپرەك ئۆسىدۇ.

  قاچانغىچە نەقلەشتۈرۈپ تارقىتىلىدۇ؟

  ھازىرغىچە، شاڭخەي قوشۇلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىپ بولدى؛ بېيجىڭ 15-ئىيۇل كارخانا پېنسىيونېرلىرىغا تارقىتىدىغانلىقىنى بېكىتتى؛ چىڭخەي، خېبېي 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قوشۇلغان كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.لياۋنىڭمۇ 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قوشۇلغان ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى پېنسىيونېرلارغا تارقىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، نېسى قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، جايلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ تارقىتىش ۋاقتى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن قاچان تارقىتىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى 2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تولۇقلاپ تارقىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر