باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلەشمە ھەرىكەتكە كېلىپ «ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى باھالىق قەبرە» قاتارلىق دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىدۇ

2018.07.04 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق توققۇز تارماق بىلەن بىرلىشىپ، «مەملىكەت بويىچە دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان قەبرە ياساش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆلچەمدىن ئاشقان گۆر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى باھالىق قەبرە، تىرىك ئادەمگە تەييارلانغان قەبرە سېتىش، گۆر ياكى جەسەت كۈلى كاتەكچە ئورنىنى ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تۈزەپ، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ۋە نەزىر-چىراغ بۇيۇملىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەبرە كارخانىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئېلىش ھەرىكىتىنى توسۇپ، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەپنە ئىشلىرى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر