باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«يەر شارى يىپەك يولى» خەلقئارا مۇنبىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى

2018.07.05 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف تەشەببۇس قىلغان «يەر شارى يىپەك يولى» خەلقئارا مۇنبىرى 3-ئىيۇل قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلدى، 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 70 دىن كۆپرەك شەھەر باشلىقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىس ئالىملار قاتارلىق 2000 دىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى .

  قازاقىستان زۇڭلىسى ساغىنتايىف مۇنبەردە مۇنداق دېدى: مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى. شۇڭا، قازاقىستان تەرەپ ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى،ساياھەت، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەرگە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ.

  يىپەك يولى خەلقئارا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى جۇڭخاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شەھەرلەر ئارا ھەمكارلىق بولسا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ھەمدە يىپەك يولى خەلقئارا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ شەھەرلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ ياخشى سۇپىسى بولۇپ، بىز بۇ جەھەتتە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ سۇپا ئارقىلىق يىپەك يولىدىكى شەھەرلەر ئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر