باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 ئۆلكە، شەھەر يېڭى سىياسەت ئېلان قىلدى

ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشى سىياسەت پايدىسىغا ئېرىشتى

2018.07.09 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا مەركەز ۋە يەرلىك كۆپ خىل سىياسەت بىلەن ياردەم بېرىدۇ. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 20گە يېقىن ئۆلكە، شەھەر ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، ئىجازەت شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، مالىيە-باج بىلەن تەمىنلەش ۋە مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ياردىمى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن ۋە داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى «كۈچلەندۈرگۈچ» بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  ئېلىمىزدىكى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكىلىق ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوختۇرخانىلار 30 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 مىڭى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى، 18 مىڭى پۇقراۋى دوختۇرخانىكەن. 2016-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىدىن تەخمىنەن 1000ى ئازىيىپ، پۇقراۋى دوختۇرخانىدىن 2000ى ئاشقان.ساھە ئىچىدىكى نۇرغۇن زاتلار مۇنداق دېدى: داۋالاش ئىسلاھاتى مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىشى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى سانىنىڭ ئازلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشى جۇڭگونىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ھالقا، سىياسەت پايدىسىنىڭ داۋاملىق قويۇۋېتىلىشى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش يېڭى دولقۇنىنى قوزغايدۇ.

  «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، خۇبېي، خۇنەن، سەنشى، فۇجيەن، تيەنجىن، جېجياڭ قاتارلىق 20گە يېقىن ئۆلكە، شەھەر ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىغا مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خۇبېي ئۆلكىسى «چەكلىمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، سەنشى ئۆلكىسى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى راۋاجلاندۇرىدىغان 23 تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى بېكىتكەن؛ جېجياڭ ئۆلكىسى يەنە ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان دوختۇرخانىنىڭ تۇنجى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، بۇنىڭغا ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان 75 داۋالاش ئاپپاراتى ئەزا بولغان.

  دۆلەت قاتلىمىدىنمۇ مۇھىم سىياسەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا «داۋالاش ئاپپاراتى، دوختۇرلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن داۋالاش ئاپپاراتىدا تەستىقلاش ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تىزىملاش «ئىككى كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»نى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. ساھە ئىچىدىكى زاتلار بۇ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا قۇرۇش ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋەتكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر