باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەرقكە قاراش __ ئەرەب دۇنياسىنىڭ يېڭى تاللىشى

2018.07.09 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، قەدىمكى كىشىلەر يەلكەنلىك كېمىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، كارۋانلار زىچ توپلىشىپ، جۇڭگو بىلەن بۈگۈنكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىپايان زېمىنى ئوتتۇرىسىدا دېڭىز-قۇرۇقلۇق قوش يولى بەرپا قىلىپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى شەرق بىلەن غەربنىڭ تاۋار سودىسى ۋە ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ھېكايىلىرىنى يېزىپ چىقتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئەرەب دۇنياسى قىسمەن توقۇنۇش ئىچىدە تىنچلىق ئىزدىمەكتە، ئىچكى-تاشقى بېسىم ئىچىدە تەرەققىيات ئىستىمەكتە. 21-ئەسىردىن بۇيانقى نەچچە قېتىملىق ئۇرۇش كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇۋەتتى، داۋالغۇش كەلتۈرگەن كۆچمەنلەر دولقۇنى كىشىلەرنى ئويغا سالدى. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات __ قىممەتلىك، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش __ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا، تارىخىي كۈچ بىلەن شەرقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى يەنە بىر قېتىم ۋاقىت بىلەن بوشلۇقتىن ھالقىپ گىرەلەشمەكتە.

  شەرققە يۈزلىنىپ يېڭى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، ھەمكارلىق ئىزدەپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭى پىكىر يولى بولۇپ قالدى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 10-چېسلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر