باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسىنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە تەمىنلىگەن تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى 4 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى

2018.07.05 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى بۇ يىل ئىچىدە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە باشقۇرۇش تورىنى تەمىنلىگەن ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارى 179 مىليون 120 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى. نۆۋەتتە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە تەمىنلىگەن ئومۇمىي تەبىئىي گاز مىقدارى 4 مىليارت 700 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.

  غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى نېفىت، گاز توشۇش-سېتىش بۆلۈمى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە سىرتنى تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى باشقۇرۇشنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق قوغداش ۋە تېخنىكا ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتتى، يەر يۈزىدە ئادەم كۈچى ئارقىلىق چارلاش ۋە ھاۋادا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، تۆت دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن 837.69 كىلومېتىر تاشقى توشۇش تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چارلاپ، تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ سۇدا قېلىش، گاز قېچىش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى چارلاشنى تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر