باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك كۆكخوت مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

2018.07.09 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا جەمئىيىتى، خەلق تورى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە خوخخوت شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان 2018- يىللىق كۆكخوت مارافونچە يۈگۈرۈش ۋە «ساغلام جۇڭگو» مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئىچكى موڭغۇل خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. مۇسابىقىدە پۈتۈن مۇساپىلىك گۇرۇپپىسى، 10 كىلومېتر گۇرۇپپىسى ۋە شاكىچىكلەر گۇرۇپپىسى دېگەندەك گۇرۇپپىلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 13 مىڭ يۈگۈرۈش ھەۋەسكارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  مۇسابىقىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى مۇسابىقە يۈرگۈزۈشى جەھەتتە تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بەردى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇش جەھەتتە خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق ئىشلەپ، يۈگۈرەيدىغانلارنىڭ مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو بىلەن ئېفىئوپىيىنىڭ ماھىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەر ۋە ئايال گۇرۇپپىلار بويىچە پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈشتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى. «ساغلام جۇڭگو» مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولسا، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا جەمئىيىتى بىلەن خەلق تورى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شەھەر قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان، مارافونچە يۈگۈرۈشنىڭ ماركا قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان، ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدىغان بىر مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر