باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىراقنىڭ موسۇلدىكى ئۇرۇش خارابىلىقىدىن 5000دىن ئارتۇق جەسەت قېزىپ چىقىلدى

2018.07.06 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراقتىكى بىر ئەمەلدارنىڭ 5-ئىيۇل دېيىشىچە، ئىراق ھۆكۈمەت تەرەپ موسۇلدىكى ئۇرۇش ئوتى خارابىلىقىدىن 5228 جەسەت قېزىپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 2658 جەسەت ئۇرۇش ئوتىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ ئىكەن، 2570 جەسەت ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىكەن.

  موسۇل ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، پايتەخت باغدادنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 400 كىلومېتىر كېلىدۇ. 2014-يىلى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» تەخمىنەن 2 مىليون ئاھالىسى بار موسۇلنى ئىشغال قىلىۋالغان، 2017-يىلى 7 ـ ئايدا، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى توققۇز ئايغا يېقىن شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بۇ شەھەرنى قايتۇرۇۋالغان.

  موسۇل شەھىرىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىراقتىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى جەسەت سۆڭەكلىرىنى قېزىش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ يىل 5-ئايدا، ئىراق زۇڭلىسى ئابادى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرىنى يېتەكچى قىلغان قېزىش قوشۇنىنى قۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە موسۇل شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىن 1000دىن ئارتۇق جەسەت قېزىپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر