باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن، ترامپ «قەرز سۈيلىدى»

ترامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن «ئەزالىق بەدەل پۇلى» تاپشۇرۇشنى تەكىتلەپ، رەت قىلىشقا ئۇچرىدى

2018.07.05 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زۇڭتۇڭ دونالد ترامپنىڭ كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، «ئەزالىق بەدەل پۇلى» تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  گېرمانىيە، بېلگىيە، كانادا ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 3-ئىيۇل ئۆزلىرىنىڭ ترامپنىڭ بېسىمغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى، يەنىلا ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى بويىچە ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتغا ئەزا 29 دۆلەتنىڭ رەھبىرى 11-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە بېلگىيەنىڭ بريۇسسېلدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىدۇ. «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ يىغىندىن بىرقانچە ھەپتە بۇرۇن ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە خەت يېزىپ، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ «ئەزالىق بەدەل پۇلى»نى تاپشۇرۇشىنى سۈيلىگەن، بۇ ئەزالىق بەدەل پۇلى يەنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر يىللىق ھەربىي خىراجىتىنى شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)سىنىڭ %2 گە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  2014-يىلى 9-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋالىستا ئېچىلغاندا، بۇ ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇش نىشانى بېكىتىلىپ، 10 يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان. 2016-يىلىغىچە، ئامېرىكىدىن باشقا، يەنە گىرىتسىيە، ئەنگلىيە، ئېستونىيە، پولشا تەلەپ بويىچە تاپشۇرغان. ترامپ ئىلگىرى كۆپ قېتىم باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىدىن رەنجىگەن.

  گېرمانىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى ترامپنىڭ ئانگېلا مېركىلغا يازغان خېتى ئانچە دوستانە بولمىغان، دەپ قارىغان. ترامپ خېتىدە، گېرمانىيە باشقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا تېگىشلىك، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئىزچىل ئۆلچەمگە توشماسلىقى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەربىي چىقىم ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىمايۋاتقان باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە باھانە تېپىپ بېرىدۇ»، دەپ يازغان.

  كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 3-چېسلا ترامپنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋوندېرلېين مۇنداق دېدى: بىز %2 لىك بېكىتكەن نىشانغا ئەمەل قىلىمىز، بىز مۇشۇ يول ئۈستىدا ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالماقچى.بىرەيلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشى بەلكىم ترامپنى تەسىرلەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ سورىغاندا، ۋوندېرلېيىن قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھېچكىمنى تەسىرلەندۈرۈش ئويىمىز يوق، گېرمانىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا سالىدىغان سېلىنمىسى «ئىتتىپاقداشلىرىمىز ياكى ھەمراھلىرىمىز بىلەن ئوخشاش مۇھىم، مۇۋاپىق ۋە ئادىل بولىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر