خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ گونىي ئارىلىدا، ماھىر جوي چېستنات (ئوتتۇرىدا) قىيمىلىق بولكا يېيىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە. شۇ كۈنى، ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىنىڭ گونىي ئارىلىدا بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قىيمىلىق بولكا يېيىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەرلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن كەلگەن جوي چېستنات 10 مىنۇتتا 74 قىيمىلىق بولكا يەپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇدا چېمپىيون بولدى ۋە يېڭى مۇسابىقە رېكورتىنى ياراتتى. ئاياللار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە، مىكى سۇتو 10 مىنۇتتا 37 قىيمىلىق بولكا يەپ، ئۇدا بەشىنچى قېتىم چېمپىيون بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى