باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇغۇرتا كارخانىسىدىن 16سى تەستىقلاندى

شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى ئېلان قىلىندى

2018.07.09 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىم يانداش سىياسەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا «شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسى، نىسبىتى، مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش جەھەتلەرگە بەلگىلىمە بېكىتتى.

  «چارە»گە ئاساسەن، كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتى ساتىدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالسا ۋە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەبلەغ باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلىپ مەبلەغ سالسا بولىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، مۈلۈك تەقسىملەش سىستېمىسى مۇكەممەل، مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى بول، خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچىنى تاللىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشچە، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن سۇغۇرتا مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ئاكسىيە شىركىتى، ئاكسىيە مۈلكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، فوند شىركىتى قاتارلىق كەسپىي مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرغۇچىسى بولسا بولىدىكەن. كونكرېت كۆرسەتكۈچى: رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 500 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ياكى ساپ مۈلكى 1 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق؛ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ھاۋالە مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى بار شۇنداقلا نەتىجىسى ياخشى، مۇقىم بولۇشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقۇرغان پۇلدىن باشقا تۈردىكى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى 2-تۈركۈم شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان، خەلق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، خەلق تۇرمۇشى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، «گۇڭيىن ئەنشېڭ» ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، «دۇڭۋۇ» ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە شەخستىن كېچىكتۈرۈپ باج ئېلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى تەستىقلانغان سۇغۇرتا شىركىتىدىن 16سى بار.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر