باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمەت يىغىنى ئېچىلدى

2018.07.09 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 2018 جۇڭگو سەھىيە-ساغلاملىقتا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات باشلىقلار مۇنبىرى ھەم 5- نۆۋەتلىك خەلقئارا يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ساغلام جۇڭگو» باش تېما قىلغان ھالدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى يىراق مۇساپىلىق تېببىي ئىلىم، ئالاقە تورى + مېدىتسىنا قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى كەسىپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئالاقە تورى + ساغلام داۋالاش» مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلار قاتارلىق داۋالاش ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزدىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي داۋالاش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىغىندا ماقۇللانغان ھەمدە ئېلان قىلىنغان «يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى باشقۇرۇشتىكى مۇتەخەسسىسلەر ئورتاق تونۇشى»دا، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، جەريان سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ساھە يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى.

  يىغىننى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ۋە يىراق مۇساپىلىك تېببىي مەركىزى ئۈستىگە ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر