باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

موبايك مەملىكەت دائىرىسىدىكى ۋېلسىپىتلاردىن ئېلىنىدىغان زاكالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئۆلچەم قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كونا خېرىدارلار خالىغان ۋاقىتتا زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ

2018.07.06 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موبايك تۈنۈگۈن «ھېچقانداق ئۆلچەم قويماسلىق، زاكالەت پۇلى ئالماسلىق» مۇلازىمىتىنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىگە كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. موبايكنىڭ بارلىق خېرىدارلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، زاكالەت پۇلى تۆلىگەن كونا خېرىدارلار خالىغان ۋاقىتتا زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  موبايك يەنە مېيتۈەن تېرمىنالىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا موبايك يەنە بىر خىل ياردەمچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچىلىك توكسىكىلىتنى ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، لېكىن بازارغا سېلىشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى تېخى ئېلان قىلمىدى.

  موبايكنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى لى يۈسېن تۈنۈگۈن موبايك ۋېلىسپىتلىرىدىن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە زاكالەت پۇلى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ۋە خالىغان كىشىنىڭ ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھەمبەھىر ۋېلسىپىت كەسپىدە تۇنجى بولۇپ ھېچقانداق شەرت قويۇلمىغان ۋە زاكالەت پۇلى ئېلىنمىغان ئەھۋالدا ۋېلسىپىتنى ئىشلىتىش تەبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، مەملىكەت بويىچە 200 مىليوندىن كۆپ موبايك خېرىدارلىرىنىڭ زاكالەت پۇلى تۆلىمەي ۋېلسىپىت مىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. زاكالەت پۇلى ئالمىغاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئۆلچىمىدە ھېچقانداق تۆۋەنلەش بولمايدۇ.

  موبايك يولغا قويغان ۋېلسىپىتنى شەرتسىز ھەيدەش دېگىنىمىز يەنى ھېچقانداق چەكلەش يوق دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئىناۋەت نومۇرى تەلىپى يوق، كۆپ سوممىلىق پۇل قاچىلاش يوق، زاكالەت پۇلى يوق دېگەنلىك بولۇپ، ئىستېمالچىلار پەقەتلا ئۆز نامىدا تىزىملىتىپ، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋېلسىپىتنى ئېچىپ ھەيدىسىلا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر