باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.07.06 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە: ئاساسلىقى، ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدا ھەيدەكچىلىك قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا قىسمەن شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدا تۇرۇشقا كادىر ئەۋەتىلىدۇ؛ چېتىشلىق مۇھىم دېلولارغا بىۋاسىتە ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ، گەۋدىلىك مەسىلە ساقلانغان جاي قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ، دەپ بېكىتىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ باشتىن-ئاخىر قانۇنچىل يولدا مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ كەڭ قانات يايدۇرۇش؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، يامانلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر