خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بولغارىيە زۇڭلىسى بورىسوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، سوفىيا خەلقئارا ئايرودرۇمىغا كېلىپ، بولغارىيەگە قىلىدىغان رەسىمىي زىيارىتىنى باشلىدى ھەم 7- قېتىملىق جۇڭگو- ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغارىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، بولغارىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ مېنىڭ جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى سالاھىيىتى بىلەن بولغارىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا جۇڭگو زۇڭلىسىنىڭ 18 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كېلىشى. بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- بولغارىيە ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: خەلق تورى