5- ئىيۇل، تايلاند پخۇكېت مەھكىمىسىنىڭ پۇجى ئارىلىدا، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تايلاند سوڭكلادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 5- ئىيۇل كۈنى ئىسپاتلىشىچە، تايلاند ساقچى تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى ساياھەت پاراخوتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پخۇكېت مەھكىمىسىنىڭ مارجان ئارىلى ۋە مېتۇندو ئارىلىدا ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئىككى پاراخوتقا ئولتۇرغان 133 نەپەر ساياھەتچى ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىكەن. نۆۋەتتە، تايلاند تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى