- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىڭشيادا ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ مائاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى
2018.07.05 16:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا، نىڭشيا تەرەپ ئېلان قىلغان «نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كەسىپىي جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا،ئاپتونوم رايون بويىچەكەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، يېزىلاردىكى ھەر ئون مىڭ ئاھالە ئىككىدىن ئۈچكىچە لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرغا ئىگە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
«لايىھە»دە يەنە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىپ، ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە يەنىمۇ مايىللاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۈنۈم مائاشىنى تەقسىم قىلغاندا ئۇنىۋېرسال دوختۇر ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ ياردەم پۇلى ئۇلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنىڭ % 10تىدىن يۇقىرى بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە ئۈنۈم مائاشىغا قوشۇپ تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىمۇ دېيىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر