چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 5- ئىيۇل تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، شىمال-جەنۇبنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىلىرىنىڭ ئارىلاشما مۇسابىقىسى 4-ئىيۇل چاۋشيەننىڭ پيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمال-جەنۇبنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 4- ئىيۇل پيۇڭياڭدىكى ليۇجىڭ جېڭجۇيوڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن، شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغىنى شىمال-جەنۇب ۋاسكېتبول ماھىرلىرى بىرلىكتە كوماندا تەشكىللەپ قاتناشقان ئارىلاشما مۇسابىقە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى