باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2018.07.06 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسى. جايلار، تارماقلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى تۈرتكىسىنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالدىن پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، جاپاغا چىداپ پۇختا ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ــــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدۇ. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئالاقە تورى+»غا تايىنىپ، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، مىليونلىغان دېھقان بەختلىك ياشايدىغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر