باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرما ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ھەيئىتىگە جۇڭگو بىر تۈركۈم خىزمەت ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلدى

2018.07.06 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 5- ئىيۇل بىرما ئۇرۇش توختىتىشنى بىرلەشمە نازارەت قىلىش ھەيئىتىگە بىر تۈركۈم خىزمەت ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلدى.

  جۇڭگونىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇڭ لياڭ شۇ كۈنى ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ قېتىم بىرما تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىر تۈركۈم خىزمەت ئاپتوموبىلىنى ئىئانە قىلىشى بولسا، ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ھەيئىتىنىڭ خادىملىرى تېخىمۇ تېز ھالدا ئالاقىدار رايونلارغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

  خۇڭ لياڭ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ھەيئىتى بولسا، بىرمادىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى نازارەت قىلىشىغا مەسئۇل بولىدىغان مۇھىم ئاپپارات بولۇپ، مەزكۇر ھەيئەت بىرمانىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىشىنىمىزكى، مەزكۇر ھەيئەتنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇرۇش توختىتىشقا چوقۇم تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  بىرما ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئەزۈيورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇندىن بېرى جۇڭگو بېرمانىڭ تىنچلىق مۇساپىسى جەريانىدا بېرمانى ھەر خىل شەكىلدىكى ياردەملەر بىلەن تەمىنلەپ كەلدى. جۇڭگو ئەلچىخانىسى بۇ قېتىم ئىئانە قىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ مەزكۇر ھەيئەتنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە مۇھىم رولى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر