باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ 2017- يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى باھالاش خىزمىتى يولغا قويۇلدى

ۋاڭ يوڭ سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2018.07.05 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 4- ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جايلار ۋە تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل سىزىق ئېڭى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىك ياخشى مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى باھالاشتا، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، باھالاشقا قوماندانلىق قىلىشنىڭ تايىقى، قوشۇمچە ئىتتەرگۈچ ۋە يۈزلىنىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى تەكشۈرۈش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۇپ ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە ياردەم قىلىپ، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى توغرا تېپىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈزىتىش كېرەك. «يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى توغرىسىدا بەلگىلىمە» ۋە «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر قايسى جايلارنىڭئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر