- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى بەش ئايدا، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى
2018.07.06 13:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 5- ئىيۇل ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1- ئايدىن 5- ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2102 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە (خەلق پۇلى، تۆۋەندىكىسىمۇ ئوخشاش) يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 691 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13.3 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى 1410 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %11.4 ئاشتى؛ تەتۈرچە پەرق 719 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يەتتى.
1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت – ئېكسپورتىدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلدى: مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يىللىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشتى، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت ئېشىش تېزلىكىدە يىللىق يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، مال سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ نىسبىتى %15.3نى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئىنت ئۆستى. يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت سودىسى تېز تەرەققىي قىلدى. 1-ئايدىن 5 - ئايغىچە، ئېلىمىزدە يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 693 مىليارد 580 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %18.6 ئاشتى، ھەمدە ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.6 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى، ھەمدە ئۇنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش نىسبىتى 1.9 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى. ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت سودىسى مۇقىم ئاشتى. 1- ئايدىن 5 - ئايغىچە، ساياھەت، تىرانسپورت ۋە بىناكارلىق قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 874 مىليارد 110 مىليون يۈەن، 380 مىليارد 110 مىليون يۈەن ۋە 92 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.2، %12.5 ۋە %13.2 ئاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر