باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى شياڭگاڭدا بەش مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدە زايوم تارقاتتى

2018.07.06 13:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 5- ئىيۇل، مالىيە مىنىستىرلىقى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا بەش مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى زايوملارنى ئوڭۇشلۇق تارقاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپپاراتلاردىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۈزلەنگەن خېرىدارلارغا قارىتا تۆت مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ چاقىرىپ تارقىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى يىللىق ئۈچ مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى ۋە بەش يىللىق بىر مىليارد 500 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زايوملارمۇ بار، ئۇلارنىڭ خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.65 ۋە %3.8 بولغان؛ يەنە چەتئەلدىكى مەركىزىي بانكىلار ۋە رايون پۇل باشقۇرۇش دائىرىلىرىگە قارىتا 500 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زايوممۇ تارقىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە، ئىككى يىللىق 300 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ۋە بەش يىللىق 200 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى زايوملارمۇ بار. ئۇلارنىڭ تارقىتىلغان ئۆسۈم نىسبىتى بولسا، ئوخشاش قەرەللىك دۆلەت زايوملىرىنىڭ خېرىدار بولۇش ئۆسۈم نىسبىتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر