باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018.07.05 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى ئاچقان «بېيجىڭ شەھەردىكى مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر» نامىدىكى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يېڭى سىياسەت بۇ يىل 7- ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

  ئىش ئورنىنى ئالدىن قالدۇرۇپ قويۇش ۋە نىشانلىق قوبۇل قىلىش (تەكلىپ قىلىش) تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا ياردەم پۇلى ۋە باجدا ئېتىبار بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش، كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ بېرىش دېگەندەك مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر كەڭ مېيىپلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۈچۈن «چوڭ سوۋغات بولىقى» ئېلىپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر