باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېنسىيونېرلار يەنە نەپكە ئېرىشىدىغان بولدى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

2018.07.06 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پېنسىيونېرلار يەنە زور نەپكە ئېرىشىدىغان بولدى، ئىلگىرى يىلدا بىر بارىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىنات سالاھىيىتىنى مەركەزلىك ئىسپاتلاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان بولدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۇۋ جۈن 5-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىنى مەركەزلىك ئىسپاتلاش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. جايلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن ئورۇن ياكى كۆزنەككە بېرىپ مەركەزلىك سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىلىنىدىغان خادىملار(مەسىلەن، پېنسىيونېرلار)نىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىلىنىش سالاھىيىتى مەركەزلىك ئىسپاتلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىلىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى. ئىسپات بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولغاچقا، بۇ ئەندىزە جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ھازىر، بۇنىڭ ئورنىغا ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش، پېنسىيونېرلار ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى ۋە يىراق مۇساپىلىك سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش مۇلازىمىتى ئۆز ئارا بىرلەشكەن ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسى ئورنىتىلىپ، ئىسپات بېرىش شەكىلسىزلىنىپ، «سانلىق مەلۇماتنى كۆپ يۈگۈرتۈپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر