باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ سودا مەسىلىسىدە داۋاملىق ئالاقىنى ساقلامدۇ؟ دېگەن سۆزگە ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ

2018.07.06 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 5-چېسلا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ سودا مەسىلىسىدە داۋاملىق ئالاقىسىنى ساقلامدۇ؟ دېگەن سوئالغا قارىتا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسىنى ئامېرىكا تەرەپ ئىنتايىن ئېنىق بىلىدۇ.لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى بۇ سۈركىلىشنى پەيدا قىلغان، ھەتتە سۈركىلىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئەمەس. «بىز باشتىن باشلاپلا ئۆز مەيدانىمىزنى بىلدۈردۇق، شۇنداقلا بىزنىڭ مەيدانىمىز ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرمىدى، بۇ نۇقتا كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايان.»

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگولا ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلار، ھەر ساھەدىكىلەر، بارلىق باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى سودا ئۇرۇشى بولۇشنى خالىمايدۇ. سودا ئۇرۇشى ھەرقانداق دۆلەتكە پايدىسىز، ئاخىرىدا يەنىلا ھەر قايسى دۆلەتنىڭ كەسىپلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بىز ئەلۋەتتە سودا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز، بىراق ھەر قانداق دۆلەتنىڭ يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى بىر تەرەپلىمە دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىسا، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداش ھوقۇقى بار، بۇ شەك شۈبھىسىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر