باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تېز تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى

2018.07.09 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئىيۇل دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار راكقا قارشى دورىلارنىڭ بېجىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ كېيىنكى تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تېز تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدە يوق ئوڭچە راكقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا قارىتا ئالاقىدار تارماقلار ئىجازەت سۆھبىتى قىلىدىكەن.

  دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2017-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى ئىجازىتى سۆھبىتى ئارقىلىق، «خېرسېپتىن»، «مابتخېرا»، «ۋېلكادې» قاتارلىق ئۈنۈمى بار، لېكىن باھاسى بىر قەدەر قىممەت راكقا قارشى 15 خىل دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىلىنىكىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان، ئۈنۈمى بار دورىلارنىڭ ھەممىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. مۇندەرىجە ئىچىدىكى راكقا قارشى دورىلارغا قارىتا، كېيىنكى قەدەمدە مەخسۇس خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىپ، باجنى كېمەيتىشنىڭ تەسىرىنى تولۇق ئويلاشقان ئاساستا، بازار رىقابىتى ئارقىلىق باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدە يوق ئوڭچە راكقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا قارىتا مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار ئىجازەت سۆھبىتى قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىش ئاپپاراتى بىلەن كارخانىلار كېڭىشىپ مۇۋاپىق باھانى بېكىتكەندىن كېيىن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈپ، ئاغرىقنىڭ كىلىنىكىلىق ئېھتىياجى، كارخانىنىڭ مۇۋاپىق پايدىسى ۋە فوندىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، 2017-يىللىق ئاھالىلەر شەخسىي چىقىمىنىڭ سەھىيە ئومۇمىي چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.8 كە چۈشۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىكىدىن 12 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر