خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، تايلاندنىڭ پۇگيىدا، تايلاند ھەربىي تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇش كېمىسى پىرىستاندىن چىقىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە قۇتقۇزۇشقا ماڭدى.
جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى: 8-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزغىچە، جۇڭگو پۇقرالىرىدىن 41 كىشىنىڭ تايلاند پۇگيى ئارىلىدىكى كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ھازىرغا قەدەر، ۋەقەدە جەمئىي 42 ئادەم قازا قىلدى، يەنە 15 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى