باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىللىق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ «دۆلەت ھېساباتى»تىدىكى توپلانغان پۇل سوممىسى داۋاملىق ئاشتى

2018.07.10 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەركىزىي بانكا بىرلىشىپ يېقىندا «مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ 2017-يىللىق دوكلاتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆلچەملىك، توغرا يېزىقى، مول مەزمۇنلۇق سانلىق مەلۇماتى بىلەن 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ باشقۇرۇش-يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلىدى. 31 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دۆلەت ھېساباتى»دا قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ بۇ دوكلاتنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

  تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۈزۈمىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى، توپلانغان پۇل سوممىسى داۋاملىق ئاشتى

  «دوكلات»تا «ئاشقان» سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن كۆپ.

  ئالدى بىلەن ھەق تاپشۇرغان ئورۇنلار ۋە ھەق تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئاشقان. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئورۇن 2 مىليون 623 مىڭ 300گە، ئەمەلىي ھەق تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 137 مىليون 372 مىڭ 200گە يېتىپ، 2016-يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10.11 ۋە %5.15 ئاشقان. يېڭىدىن ھېساب ئاچقۇزغان ئورۇن 376 مىڭ 900گە، يېڭىدىن ھېساب ئاچقۇزغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر 18 مىليون 282 مىڭ 800گە يەتكەن.

  ئۇنىڭدىن قالسا ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى ئاشقان. 2017-يىلى تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش سوممىسى 1 تىرىليون 872 مىليارد 674 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %13.6 ئاشقان. بۇ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى يىللىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ ئۇدا بەش يىل ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى بويىچە ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش ئومۇمىي سوممىسى 12 تىرىليون 484 مىليارد 512 مىليون يۈەنگە، تاپشۇرغان قالدۇقى 5 تىرىليون 162 مىليارد 74 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.68 ۋە %13.13 ئاشقان.بۇ بىر قانچە تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېشىشىغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟

  مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سۇغۇرتا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي كاپالەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى چۇ فۇلىڭ «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئاساسلىق سەۋەبىدىن ئۈچى بار، بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئېڭى ئۆستى. كارخانىلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان مۇجەسسەملەش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ؛ ئىككىنچى، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، كارخانا قاتلىمىدا ئىپادىلەندى، كارخانىلارنىڭ تىجارەت كىرىمى كەڭتاشا بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇشقا قۇربى يېتىدۇ؛ ئۈچىنچى، دۆلەتنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىغا قارىتا يولغا قويغان باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىمۇ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئېشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  ئەلۋەتتە، «دوكلات»تىمۇ كېمەيگەن سانلىق مەلۇماتلار بار. مەسىلەن، 2017-يىلى تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشىغا 2 مىليون 547 مىڭ 600 قېتىم، 953 مىليارد 485 مىليون يۈەن قەرز بېرىلىپ، بۇلتۇرقىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.21 ۋە %24.93 تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر