خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تەكىرداغ ئۆلكىسىدە 8-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە 10 ئادەم قازا قىلدى، 73 ئادەم يارىلاندى.
تۈركىيە قاتناش تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن پويىز تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەدىرنە ئۆلكىسىدىن ئىستانبۇلغا ماڭغان بولۇپ، پويىزدا 362 يولۇچى ۋە ئالتە پويىز خادىمى بار ئىكەن.
تەكىرداغ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد جەيلان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تۆمۈريول ئۇلى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن، دېدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نۇرغۇن قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ۋە نەچچە يۈز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى نەق مەيدانغا يېتىپ باردى، تۈركىيە ھەربىي تەرەپ تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى قۇتقۇزۇشقا قاتناشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى