باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

26 ئالىي مەكتەپ بىرلىشىپ تەكلىپ بەردى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە تولۇق كۇرس كەسپى تېزراق تەسىس قىلىنسا

2018.07.10 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىشنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى 8-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 26 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىگە مەسئۇل خادىملار يىغىنغا قاتناشتى ۋە يىغىندا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)نى تۈزدى.

  «تەكلىپ»تە مۇنداق دېيىلدى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۇچۇرلىشىشتىن ئەقلىيلىشىشگە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدار ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى سىجىل، ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن تەسىس قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئادەم تەربىيەلەش بىلەن ماسلاشقان ئەندىزىنى پائال شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپلەر بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى، سىڭىشچانلىقى، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كەسىپ تۈرىنى ئىلمىي تەسىس قىلىش تەكلىپى بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئاساسلىنىشىنى تەكىتلەپ، ئۆزگىچە تەربىيەلەش لايىھەسى ۋە دەرس سىستېمىسى تۈزۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر